باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇڭرېنتاڭ دورىلىرى تەركىبىدە سىماب مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

زەھەرلىك بالىلار دورىلىرى ھېلىھەم سېتىلىۋاتىدۇ

2013.05.23 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، بېيجىڭ تۇڭرېنتاڭ گۇرۇھىنىڭ دورىلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن «سۈپەت مەسىلىسى» كۆرۈلدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۇڭرېنتاڭ گۇرۇھى ئشىلەپچىقارغان «جيەنتى ۋۇبۇ كۇمىلىچى» تەركىبىدە سىماب مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بايقالدى. شياڭگاڭ سەھىيە مەھكىمىسى ئاشكارا ئۇقتۇرۇش چىقارغاندىن كېيىن، ئوخشاش ماركىدىكى باشقا ئىككى خىل مەھسۇلات تەركىبىدىكى كىنوۋار مىقدارى ئالاقىدار بەلگىلىمىدىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى. تۈنۈگۈن، لياۋنىڭ شېنياڭ كەچلىك گېزىتى ۋە شىمالىي جۇڭگو تورىنىڭ مۇخبىرلىرى شېنياڭ شەھىرىدىكى تۇڭرېنتاڭ دورا دۇكىنىنى زىيارەت قىلغاندا، مەسىلە كۆرۈلگەن دورىلارنىڭ يىغىۋېتىلمەي، داۋاملىق سېتىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان.

  كىنوۋارنىڭ ئاساسىي تەركىبى سىماب سۇلفىد بولۇپ، زەھەرلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە دورىغا قوشۇش چەكلەنگەن. لېكىن تۇڭرېنتاڭ گۇرۇھىنىڭ نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش، قىزىتما ياندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان 40 خىلغا يېقىن دورىسى تەركىبىدە كىنوۋار بار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە %30 ئەتراپىدىكى بالىلار دورىسى تەركىبىدە كىنوۋار تەركىبى بارلىقى ئاشكارىلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە