باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۈتۈن دۇنيا كىم جۇڭئېننىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە ئەۋەتكەن پەۋقۇلئاددە ئەلچىسىگە دىققەت قىلماقتا

2013.05.24 17:25        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتتىق سۆز-ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئامېرىكا-كورېيە-ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىككى ئاي قارشىلاشقاندىن كېيىن، چاۋشيەن يېقىندا پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئارقا-ئارقىدىن ياپونىيە، جۇڭگو، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا باردى-كەلدىنى قانات يايدۇردى، بەزىدە كەڭ كۆلەمدە ئاشكارا زىيارەت ئېلىپ بارسا، بەزىدە تۇيۇقسىزلا مەخپىي ئۇچرىشىشلارنى قانات يايدۇردى. بىر مەزگىل جىددىي ھالەتكە چۈشۈپ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى پەسىيىش پۇرسىتىگە يۈزلەندى.

  چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىيە كومىتېتىنىڭ 1-باشلىقى كىم جۇڭئېننىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى باش سىياسىي ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۇي لۇڭخەينىڭ 22-ماي جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىنى قوزغىدى.

  بۇلتۇر 12-ئايدا چاۋشيەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى توختاپ قالغانىدى. سۈي لۇڭخەي كىم جۇڭئېن ھاكىمىيەت بېىشىغا چىققاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا ئەۋەتكەن پەۋقۇلئاددە ئەلچى، شۇنداقلا چاۋشيەن بۇلتۇر 8-ئايدا دۆلەت مۇداپىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ چېڭزېنى جۇڭگوغا زىيارەتكە ئەۋەتكەندىن كېيىن، جۇڭگوغا يەنە بىر قېتىم ئالىي ئەمەلدار ئەۋەتىشى ھېسابلىنىدۇ.

  ئالاقىدار خەۋەرلەر: ليۇ يۈنشەن كىم جۇڭئېننىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى سۈي لۇڭخەي بىلەن كۆرۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە