باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇش كېرەك (1)

2013.05.24 16:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ لۇشەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 23 – ماي تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 21 – مايدىن 23 – مايغىچە سىچۈەننىڭ لۇشەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: لۇشەندىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىدە زور غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسى يەنىلا ناھايىتى مۈشكۈل. شۇڭا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ ۋە داۋالاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ۋەھىمىسىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ، گۈزەل، يېڭى تۇرمۇشنى باشلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

  21 – ماي چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان سىچۈەندىكى ‹‹چيۇڭلەي›› ئايرودۇرۇمىغا قوندى، شى جىنپىڭ ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا ئاپتوموبىل بىلەن 100 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، يەر تەۋرەش مەركىزى بولغان لۇشەن ناھىيەسىگە كەلدى. سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭمىڭ، ئۆلكە باشلىقى ۋېي خۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، شەھەر، بازار، يېزا ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى، قۇراشتۇرما دەرسخانىلىق مەكتەپ، ۋاقىتلىق خىزمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى، ئاپەت رايونىدىكى كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى.

  لۇشەن ناھىيە بازىرىدا ئۆيلەر ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئاھالىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ناھايىتى ئېغىر ئىدى. شى جىنىپڭ ناھىيەلىك تەنتەربىيە سارىيىغا 3000 دىن كۆپرەك ئاممىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن بۇ يەرگە كەلدى. ئۇ داۋالاش چېدىرىغا كىرىپ، دالا ئۇرۇشى دىياگنوز ئاپتوموبىلىغا چىقىپ، تېببىي خادىملاردىن ئاممىنى قۇتقۇزۇش، داۋالاش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئە كۆرۈش، تىزگىنلەش ئەھۋالىنى سورىدى. شى جىنپىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدە يارىلىنىپ، ئوپېراتسىيە قىلىنىپ تال ئەزاسى ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن، قايتا تەكشۈرىتىشكە كەلگەن 19 ياشلىق بىر يىگىتنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى ھەم سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىدى. شى جىنپىڭ چېدىرلارغا بىر – بىرلەپ كىرىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى، يېمەك – ئىچمەك ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. تېببىي خادىملار، ج خ خەلق ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، پىدائىيلاردىن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ ئەتراپىنى ئورۇۋالغان ئاممىغا قاراپ: بىز ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنى چوقۇم چىڭ تۇتۇپ، ئەتراپلىق، ياخشى ئىشلەپ، كۆپچىلىكنى بالدۇرراق بىخەتەر، خاتىرجەم يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز، دېدى.

  شى جىنپىڭ ئاپەت رايونىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە، لۇڭمىن يېزىلىق ‹‹لۇڭشىڭ›› مەركىزىي مەكتىپىنىڭ باشلانغۇچ 5 – يىللىق 2 – سىنىپىغا كىرىپ ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى، باشلانغۇچ 2 – يىللىق 1 – سىنىپىغا كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹1 – ئىيۇن›› بالىلار بايرىمى ئۈچۈن تەييارلاۋاتقان نومۇرلىرىنى كۆردى، ئۇلارنىڭ بايرىمىنى ئالدىنئالا تەبرىكلىدى ھەم ئۇلارغا سومكا قاتارلىق ئوقۇش قوراللىرىنى سوۋغا قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەكتەپ ھەم بالىلارنى ئوقۇتىدىغان، ھەم ئادەم تەربىيەلەيدىغان ئورۇن، سىلەر ۋەتەننىڭ گۈل – غۇنچىلىرى ۋە ئۈمىدى، ئاپەت رايونىدىكى مەكتەپلەرنى چوقۇم تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز. ھەرقايسىڭلارنىڭ بۇ قېتىملىق ئاپەتنى كىشىلىك ھاياتىڭلاردىكى قىممەتلىك بايلىق، دەپ بىلىپ، ياخشى ئۆگىنىپ، ساغلام – ئۆسۈپ يېتىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە