باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كىم جوڭئۇننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى سۈي لوڭھې بىلەن كۆرۈشتى

2013.05.27 08:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24- ماي چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيىسىنىڭ 1- سېكرىتارى كىم جوڭئۇننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سۈي لوڭھې بىلەن كۆرۈشتى. سۈي لوڭھې چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيىسىنىڭ 1- سېكرىتارى كىم جوڭئۇننىڭ باش سېكرىتار شى جىنپىڭغا يازغان خېتىنى بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دوستلۇقى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو پارتىيىسى بىلەن ھۆكۈمىتى چاۋشيەن بىلەن بىرگە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىل ساغلام مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە ئەبەدىي تىنچ، مۇقىم بولۇش كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى، ۋەزىيەت تەقەززاسى. جۇڭگونىڭ مەيدانى ئېنىق ئۇ بولسىمۇ ۋەزىيەت قانداق ئۆزگىرىشتىن قەتئىي نەزەر، ئالاقىدار تەرەپلەر يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانى؛ يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، مەسىلىنى سۆزلىشىش ، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ سوغۇققان بولۇپ ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتى مۇساپىسىنى قايتىدىن باشلاپ، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش، يېرىم ئارال ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ ئەبەدىي تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ھارماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  سۈي لوڭھې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن جۇڭگو بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ. جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم. چۆ لوڭھې مۇنداق دېدى: چاۋشيەن ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنىڭدا تىنچ تاشقى مۇھىت يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ. چاۋشيەن ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللىك سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ. چاۋشيەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئىجابىي ھەرىكەت قوللىنىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە