باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش سەپەرۋەرلىك تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز(1)

2013.05.23 14:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى كېچياڭ

  (2013 – يىل 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى)

  يولداشلار:

  ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم قارارى. بۈگۈن بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى مەقسىتىمىز، پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ 1 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ، كېيىنكى خىزمەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ ئىشنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ بولغاچقا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى، ئورتاق ھەرىكەتلىنىشىگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا، دائىرىسى چوڭراق يىغىن ئاچتۇق.

  بۇ قېتىمقى گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ھەر قېتىملىق ئاپپارات ئىسلاھاتى، ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىسلاھات لايىھەسىدە ئاپپارات ئىسلاھاتى بىلەن فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىش ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىش يادرو، مەمۇرىي تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى بۆسۈش ئېغىزى ۋە تۇتقۇ قىلىندى، بۇ تەپەككۇرىمىزدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يارىتىلغان يېڭىلىق. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ھۆكۈمەت بىلەن بازار، ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق، بازارنىڭ بايلىق تەقسىماتىدىكى ئۇللۇق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىجادچانلىق ھاياتىي كۈچىنى قوزغاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش، ئەلا جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشقا يۆتكەشتۇر. يەنى، ھەم تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تېگىشلىك ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش – جايىدا چۈشۈرۈش، ھەم باشقۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى باشقۇرۇش – ياخشى باشقۇرۇش كېرەك، بۇ ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەش، خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ساقلاشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مۇشۇ باسقۇچتىكى ئوبيېكتىپ تەلىپى.

  بۇ قېتىم گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات تەڭشەش سالمىقى زور بولۇپ، ئون نەچچە تارماققا چېتىلدى، تۆت مىنىستىر دەرىجىلىك ئاپپارات ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، نۇرغۇن تارماقنىڭ ھوقۇقى، خادىمى يۆتكەلدى، بۇنىڭ تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلار ‹‹ئۈچنى بېكىتىش›› لايىھەسى (ئاپپارات بېكىتىش، ئىشتات بېكىتىش، فۇنكسىيە بېكىتىش)نى ئارقا – ئارقىدىن تۈزدى. ئاپپارات ئىسلاھاتى ئاسان ئىش ئەمەس، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىش تېخىمۇ تەس. بۇ قېتىمقى فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ تۈرتكىسى، تارماقلارنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئورتاق تىرىشىشى، گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىنىڭ ئىككى قېتىملىق قاراپ چىقىشى بىلەن، ئالدىنقى ئىككى تۈركۈمدە 133 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىقنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلار تەستىقلاندى، مۇھىم نۇقتا ئىقتىسادىي ساھەگە مەبلەغ سېلىش، ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيىتى تۈرلىرى بولۇپ، بۇ بەزى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيىتى تۈرلىرىگە ۋە كارخانا، ئىجتىمائىي كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىشكە چېتىلدى. مۇشۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش ئاسان ئەمەس. ‹‹ئاتقان ئوق يېنىپ كەلمەيدۇ››. كېيىنكى قەدەمدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك، كېيىنكى ۋەزىپىلەر تېخىمۇ مۈشكۈل. ھازىر، مۇنداق ئۈچ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىمەن:
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە