باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى: جۇڭگو ھۆكۈمەت پاراخوتىنىڭ رېنئەيجياۋ دېڭىز تەۋەلىكىنى نورمال چارلىشىنى ئەيىبلەش ھاجەتسىز

2013.05.24 16:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي 22 – ماي قەرەللىك ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمەت پاراخوتىنىڭ رېنئەيجياۋ دېڭىز تەۋەلىكىنى نورمال چارلىشىنى ئەيىبلەش ھاجەتسىز.

  بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: 21 – ماي، فىلىپپىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى فىلىپپىن جۇڭگو ھەربىي پاراخوتى ۋە دېڭىز چارلاش پاراخوتىنىڭ يېقىندا رېنئەيجياۋ دېڭىز تەۋەلىكىنى چارلىغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرىدۇ، جۇڭگونىڭ بۇ ھەرىكىتى فىلىپپىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلغانلىق، خەلقئارا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىق، دېدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  خۇڭ لېي مۇنداق دېدى: رېنئەيجياۋ نەنشيا تاقىم ئارىلىنىڭ بىر قىسمى. نەنشيا تاقىم ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەمەلىيەت. جۇڭگو ھۆكۈمەت پاراخوتىنىڭ بۇ دېڭىز تەۋەلىكىنى نورمال چارلىشىنى ئەيىبلەش ھاجەتسىز. جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەرنى ‹‹جەنۇبىي دېڭىزدىكى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى››نى ئومۇميۈزلۈك ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تالاش – تارتىشنى كېڭەيتىدىغان، مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغان ۋە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قوللانماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە