لەنجوۋدا شەھەر-يېزا ئاھالىسى نوپۇسى بىرلىككە كەلتۈرۈلدى
2013.05.23 16:48 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي لەنجوۋدىن بەرگەن خەۋىرى: لەنجوۋ شەھىرنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى. 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يېزا ۋە غەيرىي يېزا نوپۇسى دەپ ئايرىماي، شەھەر-بازار، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ نوپۇسىنى بىردەك «ئاھالىلەر نوپۇسى» دەپ تىزىملاش يولغا قويۇلدى. بۇ قېتىمقى نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى لەنجوۋ شەھىرىدىكى 1 مىليون 190 مىڭ يېزا نوپۇسىدىكى ئاھالىنى نەپكە ئېرىشتۈردى، ئۇلار شەھەر نوپۇسىدىكىلەرگە ئوخشاش ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتتىن بەھرىلىنەلەيدىغان بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە