- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئافغانىستان زۇڭتۇڭى ھىندىستانغا قورال سېتىۋىلىش تېزىملىكىنى تاپشۇرغان، ھىندىستان تەرەپ بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرمىگەن
2013.05.23 13:51 مەنبە: خەلق تورى
چەتئەل تاراتقۇلىرنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزائىي 22-ماي ھىندىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، نۆۋەتتە بىر تۈركۈم قوراللارنى سېتىۋىلىش تېزىملىكىنى ھىندىستانغا تاپشۇردۇم. ھىندىستان تەرەپ ئافغانىستان ئارمىيەسىنى قوراللاندۇرۇش ھىندىستاننىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلەمدۇ يوق دېگەن مەسىلە ئۈستىدە باھالاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ
كارزائىي مۇنداق دېدى، «بىز ئاللىقاچان ھىندىستان تەرەپكە ئۆزىمىز ئالماقچى بولغان قۇرال-ياراق تېزىملىكنى تاپشۇردۇق»، بىراق ھىندىستان ئافغانستانغا قانچىلىك دەرىجىدە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىغا تېخىچە ئىپادە بىلدۈرمىدى.
كارزائىي ئېنىق تېزىملىكىنى ئېيىتمىدى، بىراق ھىندىستاندىكى firstpost.com تورىدىن ئىگىلىنىشىچە تېزىملىك مەزمۇنىدا 105 مىللىمېتىرلىق توپ زەمبىرەك، ئوتتۇرا تىپتىكى تىك ئۇچار، كۆۋرۈك سېلىش ئەسلىھەلىرى ۋە ماشىنا قاتارلىقلار بار ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ھىندىستان قورال ئېكىسپوت قىلىدىغانئاسالىق دۆلەت ئەمەس ، يەنە كېلىپ بۇ دۆلەتتە زەمبىرەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇداپىئە خاراكتېرلىك قوراللار ئىزچىل كەم ئىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە