باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ھىندىستان كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2013.05.22 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

لى كېچياڭ تۈنۈگۈن بومبايدا ھىندىستان تاتا گۇرۇھىنى زىيارەت قىلدى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن بومبايدا ھىندىستان تاتا گۇرۇھىنى زىيارەت قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: تاتا گۇرۇھى بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا بۇزۇلماس مۇناسىۋەت بار، بۇنىڭدىن بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى تاتا گۇرۇھى شاڭخەيدە ئىش بېجىرىش باشقارمىسى قۇرغان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تاتا گۇرۇھى بىلەن جۇڭگو كارخانىلىرى كەڭ ھەمكارلىق ئورناتتى، بۇ جۇڭگو ھىندىستان ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنىڭ كارتىنىسى، تاتا گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاتا گۇرۇھى ھىندىستان بىلەن جۇڭگو ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ باشلامچىلىرى ۋە ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ كۆۋرۈكىگە ئايلاندى، نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتنى ياخشى تۇتۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدا ئىجابىي رول ئويناشنى خالايمىز.

  لى كېچياڭ يەنە ۋىدىيو ئارقىلىق تاتا گۇرۇھىنىڭ جۇڭگو شاڭخەي ئىش بېجىرىش باشقارمىسىدىكى جۇڭگو ۋە ھىندىستانلىق خىزمەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  تاتا گۇرۇھى ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ گۇرۇھ شىركەت، 1868-يىلى قۇرۇلغان، تىجارەت دائىرىسى خەۋەرلىشىش ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى، قۇرۇلۇش، ماتېرىيال، مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەزكۇر گۇرۇھنىڭ جۇڭگودىكى تىجارەت دائىرىسى پولات تۆمۈر، ئاپتوموبىل، خەۋەرلىشىش، مال تىرانسپورتى قاتارلىق ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تەخمىنەن 3000 دىن ئارتۇق خىزمەتچى خادىمى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە