باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 4 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، «زامانىۋى مەدەنىيەت بويىچە ئۈلگىلىك كەنت (مەھەللە) تۈرى»نى يولغا قويىدۇ

2013.05.23 16:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى 20 – ماي چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەت بويىچە ئۈلگىلىك كەنت (مەھەللە)تۈرى››نى يولغا قويۇش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئاچتى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ تۈرنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خاسىيەت ئېلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەت بويىچە ئۈلگىلىك كەنت (مەھەللە)تۈرى›› بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 15 ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر)دىكى 30 ئۈلگىلىك مەمۇرىي كەنت، ئون ئۈلگىلىك مەھەللىدە يولغا قويۇلىدىكەن، بۇ تۈرگە 4 مىليون يۈەن ئاجرىتىلغان بولۇپ، ھەر بىر مەمۇرىي كەنت(مەھەللە) گە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100مىڭ يۈەندىن تۈر خىراجىتى بېرىلىدىكەن. تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇش مۇددىتى بىر يىل بولۇپ، بۇ تۈر، ئاساسلىقى، ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇش؛ تۈرلۈك شەكىلدىكى ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش كۇرسلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ شارائىتى يار بېرىدىغان ئۈلگىلىك كەنت (مەھەللە)لەرنىڭ مەدەنىي ياشاش كوچىسى قۇرۇشىغا ياردەم قىلىش؛ ‹‹ئىناق ئائىلە›› بەرپا قىلىش بىلەن بىللە، ‹‹جەلپكار ئاياللار›› پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە