- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى 10مىليارد يۈەن مەبلەغ جەلپ قىلدى
2013.05.23 16:14
بىرىنچى پەسلىدە، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۈنۈمى يۇقىرى بىر تۈركۈم چوڭ تۈرلەرنى جەلپ قىلىپ، جەلپ قىلىنغان مەبلەغنى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشۇردى.
قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىش مەركىزى قۇرۇپ، جەلپ قىلىنغان كارخانىلارنىڭ تەستىقلىتىدىغان رەسمىيەتلىرىنى ھەقسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئەتتى.
تەرەققىيات رايونىدىكىلەر ئۆز ئورنىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشتا سىرتقا چىقىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بىلەن كۈتۈۋېلىش ئارقىلىق مەبلەغ جەلپ قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، 100دىن ئارتۇق نۇقتىلىق كارخانا بىلەن ئۇچراشتى. بېيجىڭ، ۋېنجۇ، شېنجېن، خۇنەن، شەنشى قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردە 14 قېتىم ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى 200دىن ئارتۇق كارخانىچىلار تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى كۈتۈۋالدى. بېيجىڭ شىنخوڭ گۇرۇھى، ‹‹فۇشىن›› مەدەنىيەت ئېكولوگىيە باغچىسى قاتارلىق 18 تۈر ۋە يەتتە پاي ھوقۇقى تۈرىدىكى مەبلەغ سېلىش تۈرىنى ماكانلاشتۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە