باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«پارىخورلۇق-چىرىكلىك ھادىسىسى قايتا كۆرۈلمەسلىك»نى مەمۇرلارنى باشقۇرۇش قائىدىسى قىلايلى

2013.05.21 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەمۇرلارنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى كونا گەپ بولسىمۇ، لېكىن ھەمىشە يېڭى خەۋەر سۈپىتىدە تارقىلىدۇ. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، چەت ئەللەردە بارغانسېرى كۆپ جايلار مەمۇرلارنى باشقۇرۇش جەھەتتە ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىپ كەلدى، ئېلىمىزمۇ 1993-يىلىدىكى «دۆلەت مەمۇرلىرى ۋاقىتلىق نىزامى»دا، ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى مەمۇرلارنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، كېيىن يەنە «مەمۇرلار قانۇنى»دا بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ۋەزىپىگە تەكىلىپ قىلىش تۈزۈمىنى مەمۇرلۇققا تەيىنلەش تۈزۈمى ۋە سايلام ئارقىلىق تەيىنلەش تۈزۈمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «تۆمۈر تاۋاق»نىڭ چېقىپ تاشلىنىشى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بۇرۇنقىدەك بىر كۈن مەمۇر بولسىلا، باج تاپشۇرغۇچىلار بىر ئۆمۈر باقىدىغان ئىش مەۋجۇت ئەمەس.

  لېكىن، ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئۆمۈرلۈك مەمۇرلۇق تۈزۈمىنى بۇزۇپ تاشلاش جەھەتتىكى ئاتالمىش ئەمەلىي تۈرتكە بولۇش ۋە قوزغىتىش ئۈنۈمىدىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بىر تەرەپتىن، ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى كۆپىنچە شەھەر باشقۇرۇش قاتارلىق مەمۇرىي قانۇن ئىجرا تۈرىدىكى مەمۇرلار، شۇنىڭدەك بىر قىسىم كەسپىي تېخنىكىلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئورۇنلار بىلەن چەكلىنىپ قالىدىغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى چۈشەنچىدىكى ۋەزىپىسى ۋە ھوقۇقى بار رەھبەرلىك ئورۇنلىرى بىلەن ئېنىقلا چېتىشلىقى يوق دېيەرلىك. ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىدىكى مەمۇرلار، مەمۇرلار ئىچىدىكى «ئەمگەككە ئەۋەتىلگۈچىلەر» بولۇپ، تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى مەمۇرلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇلار تېخىمۇ جاپالىق ئىشلەيدۇ، ئەگەر خادىملارنى قىسقارتىپ، خىزمەت ئورۇنلىرىنى ئىخچاملاشقا توغرا كەلسە، ئۇلار باش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى سىناق قىلىنىۋاتقان جايلاردا مەمۇرلارنىڭ «تۆمۈر تاۋىقى»نى چىقىپ تاشلاش ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشقىنى يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}