باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دوختۇر دىۋاركانازنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2013.05.22 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن بومبايدا دوختۇر دىۋاركانازنىڭ سىڭلىسى مانولاما قاتارلىق ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن بومبايدا دوختۇر دىۋاركانازنىڭ سىڭلىسى مانولاما قاتارلىق ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مانولامانىڭ ئۆيىدىكىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلدى ھەمدە دوختۇر دىۋاركانازنىڭ ئەينى يىلى جۇڭگودا خىزمەت قىلغان ۋاقىتتا چۈشكەن قىممەتلىك سۆرەتلىرىنى كۆردى، لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: دوختۇر دىۋاركاناز جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ دوستى، بۇنىڭدىن 70 نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇ خەتەرگە قارىماي جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى، جۇڭگو خەلقى ھىندىستانلىق دوستلىرىنىڭ ئەڭ قىيىن مەزگىلدە بەرگەن سەمىمىي ياردىمىنى ئۇنۇتمايدۇ، دوختۇر دىۋاركانازنىڭ شانلىق ئوبرازى مەڭگۈ جۇڭگو خەلقى قەلبىدە ئۆچمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە