باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

24 ياشلىق ئايال ئىجتىمائىي كاپالەت خادىمى 70 مىڭ يۈەن پارا ئېلىپ، بەش يىل قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

2013.05.22 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  24 ياشلىق ئايال جيا X كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرغان 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراق ياشانغاندا كۈتۈنۈش سوغۇرتىسىغا خىيانەت قىلغانلىقتىن، شىنجاڭ ئارىشاڭ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك بەش يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.

  جيا X ئارىشاڭ ناھىيەسىدىكى مەلۇم بىر ئىجتىمائىي كاپالەت ئورنىدا يېڭى يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سوغۇرتىسى ئورنىدا (ئاممىۋى پاراۋانلىق خىزمەت ئورنى) تۇرغان مەزگىلدە، شۇ يېزىدىكى يېڭى يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سوغۇرتىسىنى يىغىشقا مەسئول بولغان پۇرسىتى ۋە يىغىلغان پۇلغا ھېسابات ئېچىش قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سوغۇرتىسىنى يىغقاندا تالون كەسمەسلىك، سىستېمىغا كىرگۈزمەسلىك ياكى سىستېمىغا ئاز كىرگۈزۈش، ھېساباتقا سۇغۇرتا پۇلىنى كىرگۈزمەسلىك ياكى ئاز كىرگۈزۈشتەك ۋاستىلەر بىلەن، سۇغۇرتىغا قانتاشقان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ۋاقتىدا ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىدىن بەھرىمان بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەن.

  سوت مەھكىمىسى، ئەيىبلەنگۈچى جيا X نىڭ قىلمىشىنى خىيانەتچىلىك جىنايىتى دەپ قارىغان. جيا X تۇتۇلغاندىن كېيىن بارلىق زاڭ پۇللارنى قايتۇرۇپ تۆۋە قىلغانلىقى ئۈچۈن جىنايىتىنى يىنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}