- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: سايلام نەتىجىسى مەيدانىمىزغا تەسىر قىلمايدۇ
2013.05.23 16:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئابباس ئاراچ 21-ماي مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى مەيدانى پىرېزىدېنت سايلىمى نەتىجىسى سەۋەبلىك تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.
ئاراچ مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى مەيدانى پرىنسىپال، سايلامدىن بۇرۇن ۋە كېيىنمۇ ئۆزگەرمەيدۇ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە دۆلەت يەنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە سايلامدىن بۇرۇن ياكى كېيىن ئىران بىلەن داۋاملىق يادرو سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى تاللىسا بولىدۇ. ئىراننىڭ پىرېزىدېنت سايلىمى ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىران بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە دۆلەت ئالمۇتادا ئىككى نۆۋەت سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن ماھىيەتلىك ئىلگىرلەش ھاسىل قىلالمىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە