باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ شاھزادىسى جۇمۇلاڭما چوققىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقتى

2013.05.23 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نېپال مەدەنىيەت، ساياھەت ۋە خەلق ئاۋىئاتسىيەسى تارماقلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ شاھزادىسى ئابدۇللا مۇھەممەد سەئىن 22-ماي جۇمۇلاڭما چوققىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان.تاغقا چىقىش ئىدارىسدىكى ئەمەلدار مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «31 ياشلىق شاھزادە بۈگۈن ئەتىگەن 10:30 (بېيجىڭ ۋاقىتى چۈش سائەت 12:4تە) چوققىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقتى.»

  نېپال تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئەترىتىدىكى تاغقا چىققۇچىلار ئىنتايىن كەمتەر بولۇپ، تاكى تاغقا چىقىش ئەترىتىدىكى بىر ئەزا ئاشكارىلىغاندىن كېيىنلا ئاندىن بۇ خەۋەر تارقالغان، بۇ قېتىملىق ئېكىسپىتىدسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شاھزادە نېپالدىكى ئاممىۋى مائارىپقا 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە