خەلق تورىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ماي ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران ئاساسىي قانۇننى قوغداش كومىتېتى يادرو سۆھبىتى كاتتىۋېشى جېلىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز نامزاتنىڭ سالاھىيىتىنى تەستىقلىغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئىراندىكى سەككىز زۇڭتۇڭ نامزاتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا نۆۋەتتىكى ئىران ئالىي دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتىتىنىڭ كاتىپى، يادرو سۆھبىتى ۋەكىلى جېلىل؛ تېھران شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى كالبانىس؛ خەلقئارالىق ئىشلارنىڭ ئالىي رەھبىرى، مەسلىھەتچى، سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋىلايەت؛ ئىران پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، سابىق پارلامېنت باشلىقى ئادېر؛ ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ قوماندانى رېزائى؛ يادرو سۆھبىتى ۋەكىلى روھانىي؛ نېفىت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى، سابىق پوچتا ـ تېلېگراف مىنىستىرى مۇھەممەد گاللاس ۋە سابىق بىرىنچى مۇئاۋىن زوڭتۇڭ مۇھەممەد رىزا رافى قاتارلىقلار ئىكەن. (جيا ۋېنتىيڭ)
مەنبە: خەلق تورى