2013-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:50 ئەتراپىدا، شەندۇڭ ئۆلكىسى جاڭچيۇ شەھىرى ساۋفەن بازىرى تەۋەسىدىكى باۋلى مىنباۋ جىنەن پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر سېخىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن سېخ ئىشچىلارنى بېسىۋالغان، ھازىرغىچە 13 ئادەم قازا قىلىپ، باشقا خادىملار جىددىي قۇتقۇزۇشقا يۆتكەلگەن، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.