باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

بان كىمون ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئائىلىدىكى ئەۋلادلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى

2013.05.17 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15-ماي خەلقئارا ئائىلە كۈنى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون شۇ كۈنى سۆز قىلىپ، ھەر قايسى دەۋردىكى كىشلەرنىڭ بىرلىكتە تېخىمۇ ساغلام دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، ئەل ئارا جەمئىيەت، ئائىلە ۋە شەخسىلەرنىڭ ئائىلىدىكى ئەۋلادلار ئارا ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرىنى قوللىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بان كىمون مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، كۆپلىگەن ئائىلىلەر ياشلارنىڭ ئىشسىزلىقى، مۇنەۋۋەر بالىلارنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتى كەمچىل بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى ۋە ياشانغانلارغا ئېتىبار بېرىش كەمچىل بولۇش قاتارلىق خېرسلارغا يولۇقماقتا. ئۇ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سىياسەت بىكىتكۈچىلىرى ۋە تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى، ئاممىۋىي ئورگانلار ۋە خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ بۇ ئائىلىنى قوللىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. (تەرجىمان: ئىلھام مامۇت)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە