- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لېفىت ۋەقەسىنىڭ كۆپىيىشى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىدۇ
2013.05.20 10:36 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى ئالاھىدە ئۈسكۈنە ئىدارىسى 17-ماي جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، لېفىت ئىشلىتىش ئورۇنلىرىدىن «لېفىت ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش، ئاسراش قائىدىسى» قاتارلىق بىخەتەرلىك تېخنىكىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لېفىت مەشغۇلاتىنى دائىملىق تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، لېفىتنىڭ ئاچقۇچى قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تېخىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: لېفىتنى دائىملىق قوغداش، ئاسراش ئورۇنلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە بىخەتەرلىك تېخنىكىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، لېفىت قوغداش، ئاسراش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، لېفىت تورمۇزى، قۇلۇپى قاتارلىق نۇقتىلىق زاپچاسلارنى نۇقتىلىق ئاسراپ ۋە تەڭشەپ، ئۈسكۈنىنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالىنى يېقىندىن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، لېفىتنىڭ بىخەتەر مەشغۇلاتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلاردىكى سۈپەت تەكشۈرۈش تارماقلىرى لېفىتنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈزەتمىگەنلىرىنى قانۇن بويىچە پېچەتلەپ، قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.
خەۋەرگە قارىغاندا 14-ماي، يىچاڭ شەھىرىدىكى بىر تاللا بازىرىدا پەلەمپەيلىك لىفىت ئۈزۈلۈپ كېتىپ، بىر ئايال قازا قىلغان؛ 14-ماي، شەنشىدە بىر ئايال لىفىتنىڭ ئىشىكى ئېچىلغاندا بوشلۇققا دەسسەپ قېلىپ، لىفىت قۇدۇقىغا چۈشۈپ كېتىپ، قازا قىلغان؛ 15-ماي شېنجېن شەھىرىدە 24 ياشلىق پىراكتىكانت قىز لىفىتقا ئولتۇرغاندا كاشىلا يۈز بېرىپ، بۇ قىز ھادىسىدە قازا قىلغان. 17-ماي شېنجېن شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 15 كۈن ئىچىدە پۈتۈن شەھەردىكى يۈز مىڭ لېفىتنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان؛ 16-ماي، يۈننەندە دوختۇرخانىدا بىر ئادەم لىفىتتا قىسىلىپ قېلىپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە