- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىتالىيەدە بىر جۇڭگولۇق پاھىشەلەر گۇرۇھى پاش قىلىندى
2013.05.20 17:00 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىتالىيە يېقىندا بىر جۇڭگولۇقلاردىن تەشكىللەنگەن پاھىشەلەر گۇرۇھىنى بىتچىت قىلدى، بۇ گۇرۇھ شۇ جايدىكى ئۇۋۇلاش كەسپىنى دالدە قىلغان تۆت «جۇڭگو پاھىشەخانىسى» نى كونترول قىلىدىغان بولۇپ، يىللىق قانۇنسىز كىرىمى نەچچە مىليون ياۋرودىن ئاشىدىكەن.
ئىتالىيە « نەنتىلور ئاخبارات گېزىتى» نىڭ 13 – ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى نەنتىلور رايونىدىكى بورسانونىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، قاتنىشى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خېلى كۆپ جۇڭگولۇقلار بۇ جايدا تىجارەت قىلىدىكەن. بەزى جۇڭگولۇقلار بورسانودا بەدەن ئۇۋۇلاش تىجارىتى قىلىدىكەن، بىراق يېقىندا بېرەيلەن بەزى بەدەن ئۇۋۇلايدىغان جايلارنىڭ ئەمەلىيەتتە پاھىشىخانا ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. بورسانو ساقچى تەرەپ ۋە تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ مەلۇماتنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن.
ئېيتىلىشىچە، بۇ گۇرۇھ بورسانو، تورونتو قاتارلىق جايدىكى تۆت پاھىشىخانىنى كونترول قىلىدىكەن. بۇ پاھىشىخانىلاردا جەمئىي 25 نەپەر پاھىشە بار ئىكەن. بۇ پاھىشىخانىلار تېخى مىلاندىكى جۇڭگو يېزىقىدا چىقىدىغان گېزىتىگە «خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى» مۇ چىقىرىپ، بىر مۇقىم خىزمەت بېرىدىغانلىقى، ئايلىق كىرىمىنىڭ 3500 ياۋروغا يېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. بىر قىسىم جۇڭگولۇق ئاياللار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن «بۇ خىزمەت» نى قوبۇل قىلغان، يەنە بەزىلىرى بولسا نامراتلىق دەستىدىن ئىپپىتىنى سېتىشقا مەجبۇر بولغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ پاھىشە ئاياللار ھەپتىسىگە يەتتە كۈن خىزمەت قىلىدىكەن، ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن كېچە سائەت 12 گىچە، ھەر بىر ئايال كۈنىگە 25 خېرىدار كۈتىدىكەن، كۆپرەكى تېخى 30 غىچە خېرىدار كۈتىدىكەن. ھەر بىر پاھىشىۋاز بىر قېتىمدىلا 50 ياۋرو بېرىدىكەن. پاھىشە ئاياللار بولسا كۈندىلىك كىرىمىنىڭ %40 ىنى ئېلىپ قېلىپ، قالغىنىنىڭ ھەممىسىنى پاھىشىخانىغا تاپشۇرىدىكەن.
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ تۆت دانە پاھىشىخانىنىڭ خېرىدارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تونۇش ئادەملەر بولۇپ، تىزىملىكىدىلا 25 ياشتىن 75 ياشقىچە بولغان 650 كىشى بار ئىكەن. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تور ئارقىلىق بۇ پاھىشىخانا توغرىسىدىكى خەۋەرگە ئېرىشكەن. توردا ھەر بىر پاھىشە ئايالنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى، سېرىق سۈرەتلىرى ۋە باھاسى قاتارلىق ئۇچۇرلار بار ئىكەن.
ھازىر، بۇ تۆت پاھىشىخانا تاقىۋېتىلدى. ئىتالىيە تەپتىش تارماقلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: بەدەن ئۇۋۇلاش ئورۇنلىرىنى دالدە قىلغان بۇ پاھىشىخانىلار كۆز بويامچىلىق قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگولۇق ئاياللارنى ئىپپىتىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغان، بۇ ئېغىر جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ گۇرۇھنىڭ ئالتە نەپەر ئەزاسى ھازىر تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ. ئېيتىلىشىچە، بۇ گۇرۇھنىڭ كاتتىۋېشى جاڭ لىڭ ئىسىملىك بىر جۇڭگولۇق ئايال بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ پاھىشە قوبۇل قىلىش، پاھىشىخانىنى باشقۇرۇش قاتارلىقلارغا مەسئۇل ئىكەن. ئۇنىڭ قىزى بولسا مالىيەگە مەسئۇل ئىكەن، بۇندىن باشقا يەنە ئىككى ياۋروپالىق كىشى شۇ جايدىكى باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشقا مەسئۇل ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىر كىشىنىڭ فىزىكىلىق داۋالاش سالاھىيەت كىنىشكىسى بار بولغاچقا، ئۇلار سەھىيە تارماقلىرى تەستىقلىغان ئۇۋۇلاش تىجارىتى كىنىشكىسىنى ئالالىغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە