باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 180 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلغان ئائىلە ۋە شەخسىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ

2013.05.20 16:18         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2013-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 180 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلغان ئائىلىلەر ۋە شەخىسلەرنى مۇكاپاتلايدىكەن، شىنجاڭدىكى 19 مىڭ 933 پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلغان ئائىلە ۋە 84 مىڭ 200 ياردەم بېرىش ئوبيېكتى ھۆكۈمەتنىڭ مۇپاكات سوممىسىغا ئېرىشىدىكەن.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2013-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ پىلانلىق تۇغۇت غەربىي رايون (ئاز تۇغۇپ تېز بېيىش) قۇرۇلۇشى مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلغان ئائىلىلەر ئالاھىدە ياردەم مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىكەن، ياردەم بېرىش شارائىتىغا ماس كېلىدىغان يېزىلاردىكى قىسمەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلغان ئائىلىلەر ئاپتونوم رايون ئاجراتقان 183 مىليون 257 مىڭ 220 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىدىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جايلاردىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلغان ئائىلىلەرگە قارىتا <<مۇكاپاتلاش، ئېتىبار بېرىش، يۆلەش، ئازايتىش، ھەق ئالماسلىق، تولۇقلىما بېرىش>> قاتارلىق سىياسەت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، 2012-يىلى بىر يىل ئىچىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىن 520 مىڭ نوپۇس ۋە 58 مىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلغان ئائىلە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىي 729 مىليون يۈەن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى يېزىلاردىكى كېنىشكە ئالغان ئاھالىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە