باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار زۆرۈر نەزەرىيەسىنى داۋاملىق تەنقىد قىلىندى

2013.05.17 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەدىكى كۆپلىگەن ئايال پارلامېنت ئەزالىرى 16-ماي مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ياپونىيە يېڭىلىققا كۆچۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، ئوساكا شەھىرىنىڭ باشلىقى خاشىموتو توئورۇنىڭ ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار تۈزۈمىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى ئەيىبلىدى.

  پارلامېنىتىكى 11 ئايال ئەزا مۇخبىرلار يىغىنىدا خاشىموتو توئورۇنىڭ ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى، خاشىموتو توئورۇنىڭ سۆزى خەلقئارا جەمئىيەتتە ناھايىتى زور تەسىر پەيدا قىلىپ، ياپونىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى دېدى.

  شۇ كۈنى، ئوكىناۋا ئۆلكىلىك پارلامېنىتىدىكى 6 ئايال ئەزا نارا شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئوكىناۋاردىكى پۇقرالار ئۇرۇشتىن كېيىن ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ جىنسىي زوراۋانلىقىغا ئۇچرىدى. خاشىموتو توئورۇ ئوكىناۋانىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى كۆزگە ئىلماي، خاتا سۆز قىلدى. بۇنى ئوكىناۋادىكى پۇقرالار كەچۈرۈم قىلمايدۇ. (تەرجىمان: ئىلھام مامۇت)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە