باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پارتىيە كۈرىشى ئوبامانىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە قارالمىلىرىنى بەربات قىلىشى مۇمكىن

2013.05.16 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما يېقىندىن بۇيان توختىماي ئاۋارىچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنىڭ لىۋىيە بەنغازىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى قايتا كۈچىيىپ، ئوباما ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاممىدىن قەستەن يوشۇرۇۋاتىدۇ دېگەن گۇماننى پەيدا قىلدى.

  بۇ ھەپتە، ئوباما دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ باج تەكشۈرۈش سەتچىلىكى سەۋەبىدىن باش كۆتۈرەلمەي تۇرغان پەيتتە، فېدىراتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى «كەڭ كۆلەملىك، مىلىسى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە» ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋە تەھرىرىنىڭ تېلېفون خاتىرىسىنى مەخپىي ئىگىلىگەنلىكى سەۋەبلىك پەيدا بولغان يەنە بىر مەيدان كىرىزىسكە دۇچ كەلدى.

  كۆپ قېتىملىق سەتچىلىك ۋە تالاش-تارتىش ۋەقەلىرى ئوبامانى ھالسىرتىپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن سىياسىي رەقىبلىرىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق سايلام ئۈچۈن كۈچ توپلىشىغا پۇرسەت بولدى. ئامېرىكا جامائەتچىلىكى ئامېرىكىچە دېموكراتىيە ئاستىدىكى پارتىيە ۋە ھوقۇق كۈرىشى ئوبامانىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە قارالمىلىرىنى بەربات قىلىشى مۇمكىن، دەپ قاراشتى.(خەلق گېزىتىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ۋۇ چېڭلياڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە