باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلدى

2013.05.13 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-ماي، شىنجاڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ پەن ـ تېخنىكا نەشرىياتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «شىنجاڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى. شىنجاڭلىق بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى، تەھرىرلىرىدىن بولۇپ 40تىن ئارتۇق كىشى شىنجاڭ بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى، ھازىرقى ھالىتى شۇنداقلا كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىشتى.شىنجاڭ بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جاۋ گۇاڭمىن شىنجاڭنىڭ 2012-يىللىق بالىلار ئەدەبىياتى خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بالىلار ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆتكەن بىر يىل مول ـ ھوسۇللۇق يىل بولدى، بۇ بىر يىلدا، ليۇ نەيتىڭ، ۋاڭ گۇڭگې، جوۋ جۈنرۇ، بى رەن، ياڭ لىشيا، ليۇ خۈيمىن، لى دەنلى قاتارلىق بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

  يىغىندا، شىنجاڭدىكى پىشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش بالىلار يازغۇچىلىرى ئەركىن ئازادە پاراڭلاشتى، ئىجادىيەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشتى، ھەممەيلەن بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتى سۇپىسى ئارقىلىق، ئەزالارنى كۆپەيتىپ، يازغۇچىلار داۋاملىق مەكتەپلەرگە بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئىشلىرىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. (مۇخبىر ليۇ جۈنيوۋ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە