باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قىزلار ئالاھىدە جەڭ قىلىش روتىسى پاراشوت بىلەن سەكرەش مەشقى ئېلىپ باردى

2013.05.16 09:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قۇراللىق تىك ئۇچارنىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازى بىلەن تەڭ، بىر تۈركۈم روھلۇق قىز ئەسكەرلەر ئاسماندىن چۈشۈپ كەلدى. جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قىزلار ئالاھىدە جەڭ قىلىش روتىسى تۈنۈگۈن شىمالىي جۇڭگونىڭ مەلۇم يېرىدە تۇنجى قېتىم پاراشوت بىلەن سەكرەش مەشقى ئېلىپ باردى. پاراشوت بىلەن سەكرەشكە قاتناشقان 15 نەپەر قىزلار ئالاھىدە جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ ئەزاسى 800 مېتىردىن 1000 مېتىرغىچە ئىگىزلىكتىكى ئاسمان بوشلۇقىدا خۇددى ئاسماندىن گۈل چېچىلغاندەك بىر قېتىمدىلا سەكرەپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، 1-ئاۋغۇست ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش گۇرۇپپىسى بىلەن ھاۋا ئارمىيەسى پاراشوت بىلەن سەكرەش ئەسكەرلىرى ئىچىدە ئايال ئەسكەرلەر پاراشوت بىلەن سەكرەپ باققاندىن باشقا، ئايال ئەسكەرلەرنى پاراشوت بىلەن سەكرەشكە تەشكىللەش ئېلىمىز قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدە تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە