باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

برازىلىيەدە قۇللۇق تۈزۈم بىكار قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن قۇل ئىشچىلار يەنىلا مەۋجۇت(1)

2013.05.16 09:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان، قۇتقۇزۇۋېلىنغان برازىلىيەلىك بىر قانچە ئىشچى ئەمگەك تارماقلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە تۇنجى قېتىم رەسمىي قانۇنلۇق خىزمەتكە ئېرىشتى. برازىلىيەدە قۇل ئىشچىلار مەسىلىسى قايتىدىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 1888-يىلى 13-ماي برازىلىيە رەسمىي قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان ئىدى ھازىرغىچە بۇنىڭغا 125 يىل بولدى. لېكىن برازىلىيەدە قانۇنسىز ئىشچى ئىشلىتىش، «قان-تەر زاۋۇتى» مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت.

  بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن جوسې دېھقانچىلىق مەيدانىدا قۇل ئىشچى بولغان ۋاقىتلىرىنى پات-پات ئەسلەيتتى. ئۇ ھۆرىلىككە ئېرىشىشتىن بۇرۇن، برازىلىيەنىڭ غەربىدىكى دېھقانچىلىق چوڭ ئۆلكىسى مادوگېلوس ئوبلاستىدىكى بىر پاختا دېھقانچىلىق مەيدانىدا خىزمەت قىلاتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: دېھقانچىلىق مەيدانى تەمىنلەيدىغان يېمەكلىكلەرگە كىشى چىداپ بولالمايتتى، ئۇلار پەقەت گۈرۈچلا بېرىدۇ ئاندا ساندا ئەھۋالدا ئاندىن گۆش يىيەلەيتتۇق. مەن ھەر كۈنى سەھەر سائەت تۆتتىن كۈن پاتقىچە ئىشلەيتتىم.

  كەچۈرمىشلىرى ئۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان 39 ياشلىق فىرناندىس قۇم شېكىرى دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئىشلەيتتى. ئۈچ ئەسىرنىڭ ئالدىدا شېكەر قۇمۇشى كەسپى برازىلىيەدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ئىدى، شۇ چاغدىكى ئاساسلىق ئەمگەك كۈچى دەل ئافرىقىدىن سېتىپ كېلىنگەن قۇللار ئىدى. لېكىن قۇللۇق تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ 125 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە شېكەر قومۇشى ساھەسىدىكى قۇل ئىشچىلار دېلوسى يەنىلا برازىلىيەدىكى قۇل ئىشچى ئارىسىدا خېلى كۆپ يۈز بېرىدۇ. فېرماندىس مۇنداق دەيدۇ: 11 يېشىمدىن باشلاپ شېكەر قومۇشى كەستىم، ھازىر بۇنىڭدىن باشقا ھىچ نەرسە قىلالمايمەن.

  برازىلىيە جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئاساسەن، جوسې بىلەن فېرناندىسنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشى ئۇزۇن يىل كاپالەتكە ئىگە بولمىغانلىقى، مائاشىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن بولۇشى قۇل ئىشچى دېگەن تەبىرگە ياتىدۇ. بۇ ئىككىيلەن ھۆرلۈككە چىققاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە قانۇنلۇق ئىشچىغا ئايلاندى، ھازىر ئۇلار دۇنيا لوڭقىسى مەيدانى ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، قانۇنلۇق تەمىناتتىن بەھرىمەن بولماقتا.

  1995-يىلى برازىلىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە قۇل ئىشچىلارنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە 44 مىڭ كىشى ھۆرلۈككە چىقتى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە