- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ رۇسىيە پراۋوسلاۋىيە دىنىنىڭ پاترىئارىخى بىلەن كۆرۈشتى
2013.05.13 16:30 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
 |
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ماي ‹‹خەلق›› سارىيىدا رۇسىيە پراۋوسلاۋىيە دىنىنىڭ باش پاترىئارىخى كىرىل بىلەن كۆرۈشتى |
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 10-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ماي ‹‹خەلق›› سارىيىدا رۇسىيە پراۋوسلاۋىيە دىنىنىڭ باش پاترىئارىخى كىرىل بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى رۇسىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەشكە مۇھتاج. تېخى يېقىندىلا مەن رۇسىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم. مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدىكى سىياسىي قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدىم. بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، خەلقئارا باراۋەرلىك ۋە ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
شى جىنپىڭ رۇسىيە پراۋوسلاۋىيە دىنى جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىزچىل ئاكتىپ قوللىغانلىقىغا، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە تەرەققىياتى قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگونى قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىرىل پاترىئارىخنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگودىكى زىيارىتى ئىككى دۆلەتنىڭ دىنى ئالاقىسىنىڭ بىر قىسمى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ۋە ئالاھىدە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ، بۇ ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. رۇسىيە پراۋوسلاۋىيە دىنى جەمئىيىتى ۋە كىرىل پاترىئارىخنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كىرىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە پراۋوسلاۋىيە دىنى جەمئىيىتى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پرىنسىپى ئاستىدا جۇڭگو بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوست ئۆتۈش، مەڭگۈ دۈشمەنلەشمەسلىكنى رۇسىيە مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ، رۇسىيە ياشلىرىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
ئالاقىدار خەۋەرلەر