باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹ جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇق يولى ›› قاراقۇرۇم تاشيولىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ

2013.05.16 14:30   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

‹‹ جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇق يولى ›› قاراقۇرۇم تاشيولىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ

  جۇڭگو - پاكىستان قاراقۇرۇم تاشيولى ئۇزۇن يىل رېمونت قىلىنمىغاچقا، 2006- يىلى ئاخىرى ئىككى دۆلەت بۇ تاشيولنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى . 2008- يىلى 2- ئايدا، جۇڭگو يول -كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاراقۇرۇم تاشيولىنى كېڭەيتىش تۈرىنى رەسمىي باشلىغان بولۇپ ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2013 - يىل ئاخىرىدا قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىنىدىكەن .

  جۇڭگو يول -كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا ، بەش يىللىق قۇرۇلۇش مەزگىلىدە ، قاراقۇرۇم تاشيولىنى كېڭەيتىش تۈرى پاكىستان ئىشچىلىرىنى جەمئىي 10 مىڭغا يېقىن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن . قاراقۇرۇم تاشيولى يەنە جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇق تاشيولى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇ شەرقتە دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ قەشقەردىن باشلىنىپ ، قاراقۇرۇم ، ھىندىقۇش ۋە ھىمالايا تېغىدىن كېسىپ ئۆتۈپ ، جۇڭگو - پاكىستان چېگرىسىدىكى قونجىراپ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ، پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى توكوتنا بازىرىغا يېتىپ بارىدۇ ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1224 كىلومېتىر، ئومۇمىي لىنىيەنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 600-4700 مېتىرغىچە كېلىدۇ . 1968- يىلىدىن 1978- يىلغىچە، جۇڭگو قۇرۇلۇشچىلىرى ئالتە يىل يەتتە ئاي ، شىمالدا جۇڭگو - پاكىستان چېگرىسدىكى قونجىراپ چېگرا ئېغىزىدىن باشلىنىپ ، جەنۇبتا توكوتنا چوڭ كۆۋرۈكىگە يېتىپ بارىدىغان ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 613 كىلومېتىر كېلىدىغان يولنى ياساشقا ياردەم قىلغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ياردەم پۇلى ۋە مەكتەپ تاللاش پۇلى ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىل تەنتەربىيە دەرىسىنىڭ زۆرۈر دەرسلىك قاتارىغا گىرگۈزۈلۈشىنى نازارەت قىلىد…
      ·تاجىكىستان زۇڭتۇڭى يېقىندا جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ
      ·2015-يىلىغىچە،  تاجىكىستاندىكى نامراتلىق سەۋىيەسى %6.8 تۆۋەنلەيدىكەن 
      ·ئەزەربەيجان ئاناتولىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئالدى 
      ·شىنجاڭدا مائارىپ سېلىنمىسىنىڭGDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيە…
      ·ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئامانلىق قوغداش خادىمى دېكتورلۇق كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى 
      ·شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت تورى ئېچىلدى
      ·2013-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 9000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·2013-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيەتتىن 7760 نەپەر مەمۇرىي قوبۇل قىلىدۇ