جۇڭگو رادىيو تورى دېجۇ 15-ماي خەۋىرى: 14-ماي چۈشتىن كېيىن، بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان شەندۇڭ ئۆلكىسى دېجۇ شەھىرىدە مەجبۇرىي كونترول قىلىنغان بولۇپ، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان كىشىلەر ئۇچقۇچىنى ئايروپىلاننى قوزغىتىپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان يەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىغان.
بۇ ۋەقە ئەڭ بۇرۇن 14-ماي كەچ سائەت 10:06 مىنۇت ئۆتكەندە ئاشكارىلانغان بولۇپ، سىنا مىكرو بىلوگىنىڭ بىر ئابونتى مىكرو ئۇچۇر يوللاپ ‹‹شەندۇڭ دېجۇدا تىك ئۇچار ئايروپىلاننى بۇلاش ۋەقەسى يۈز بەردى›› دېگەن خەۋەرنى تارقاتقان. ئۇنىڭدا:‹‹14-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00لەر ئەتراپىدا، دېجۇ شەھىرى شياجىن ناھىيەسىدە ئايروپىلان بىلەن ئامېرىكا ئاق پەرۋانىسىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداۋاتقان بىر تىك ئۇچار ئايروپىلاننى سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان 20 نەچچە كىشى بۇلىغان. ئۇلار يەردە مۇلازىمەت قىلىۋاتقان خادىملارنى ۋە ئۇچقۇچىنى ئۇرغان، شۇنداقلا ئىچىدىكى بىرەيلەن ئايروپىلانغا چىقىپ، ئۇچقۇچىنى بۇ يەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىغان. نۆۋەتتە، ئۇچقۇچى ۋە ئايروپىلان ئىز-دېرەكسىز يوقالغان›› دېيىلگەن.
15-ماي چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر دېجۇ شەھىرى شياجىن ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شېڭلى بىلەن ئالاقىلەشكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 14-ماي چۈشتىن كېيىن ھەقىقەتەن بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان شياجىندا ئايروپىلان بىلەن ئامېرىكا ئاق پەرۋانىسىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداۋاتقاندا، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان كىشىلەر تەرىپىدىن مەجبۇرىي كونترول قىلىنىپ، دېجۇ شەھىرىنىڭ پىڭيۈەن ناھىيەسىگە قاراپ ئۇچقان. ئايروپىلاننىڭ تىزىملاش نومۇرى B-7479 ئىكەن. نۆۋەتتە، ئايروپىلاننىڭ ئۈچ نەپەر مېخانىكى يېنىك يارىلانغان بولۇپ، ئۇچقۇچىنىڭ يارىسى تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ. دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، بۇ ۋەقە ئىككى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئىقتىسادىي ماجراسىدىن كېلىپ چىققان. ۋەقەنىڭ ‹‹ئاۋىياتسىيە ۋاستىلىرىنى بۇلاش››قا چېتىلىدىغان-چېتىلمايدىغانلىق مەسىلىسىگە قارىتا، ساقچى تەرەپ يەنىمۇ ئېنىق تەكشۈرۈپ خۇلاسە چىقىرىدىكەن.
مۇخبىر خەۋەر ئەۋەتكەنگە قەدەر، ئايروپىلاننى زورلۇق بىلەن كونترول قىلىۋالغان ئىككى نەپەر ئاساسىي سۇيقەستچى شياجىن ناھىيەسىدىكى ج خ تارماقلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان.