باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

2013-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيەتتىن 7760 نەپەر مەمۇرىي قوبۇل قىلىدۇ

2013.05.10 17:08         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9-ماي، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى جەمئىيەتتىن مەمۇرىي خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىملىق قوبۇل قىلىشتا تەسىس قىلىنغان 7760 خىزمەت ئورنى ئاساسلىقى ئوبلاست، ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك ئورۇنلار، ئاپتونوم رايونلۇق بىۋاسىتە باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى، يەنە قىسمەن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئالاھىدە ئورۇنلاردىن ئىكەن.

  بىر تۇتاش ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 20-ماي توردا تىزىملىتىش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، 6-، 7-ئىيۇل يېزىقچە ئىمتىھان ئېلىنىپ، 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە سالاھىيىتىنى قايتا بېكىتىش ئېلىپ بېرىلىدىكەن؛ 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىپ بېرىلىپ، جىسمانىي كۈچ ئىقتىدارى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى تەرتىپ بويىچە تۈگىگەندىن كېيىن، ئېلان قىلىدىكەن. پۈتكۈل قوبۇل قىلىش خىزمىتى 10-ئاينىڭ ئاخىرى ئاياغلىشىدىكەن.

  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، تەڭرىتاغ مۇنبىرى، بارمۇ مىكروبىلوگى 10-ماي چۈشتىن بۇرۇن مەمۇرىي ئورۇنلار تىزىملىكىنى توردا ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، كەڭ تورداشلارنىڭ تورىمىزغا دىققەت قىلىپ، تىزىملىكنى چۈشۈرۈۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە