- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىل تەنتەربىيە دەرىسىنىڭ زۆرۈر دەرسلىك قاتارىغا گىرگۈزۈلۈشىنى نازارەت قىلىدۇ
2013.05.15 15:03 مەنبە: خەلق تورى
جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2012-يىللىق نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، جايلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى بىر سائەت مەكتەپ ئىچىدە تەنتەربىيە پائالىيىتى قىلىش ۋاقتى ئاساسەن كاپالەتكە ئىگە بولغان. بۇ يىللىق نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشتە رايون ۋە مەكتەپلەرنى ئىختىيارىي تاللاش، نەق مەيداندا نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىكەن، مەزمۇنى تەنتەربىيە دەرسى ئېچىش، تەنتەربىيە پائالىيىتىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەن ساپاسى ۋە ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. (گو يىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە