- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلەت زېمىن-بايلىق مىنىستىرلىقى زورلۇق بىلەن يەر ئېلىشنى توسۇش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقاتتى
2013.05.15 15:01 مەنبە: خەلق تورى
رەتكە سېلىش-تۈزەش جايىدا بولماي تۇرۇپ داۋاملىق يەر ئېلىشقا بولمايدۇخەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، يېقىندا قىسمەن جايلاردا زورلۇق بىلەن يەر ئېلىش ۋەقەلىرى ئۈزۈلمەي يۈز بەردى. دۆلەت زېمىن-بايلىق مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ يەر ئېلىشنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش» تارقىتىپ، يەر ئېلىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ يەر ئېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، زورلۇق بىلەن يەر ئېلىشنى توسۇپ، دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، ئىناقلىقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ئۆلكە، (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)نىڭ دۆلەت زېمىن-بايلىقىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى تېزلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، شۇ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) تەۋەسىدە يەر ئېلىش خىزمىتى بويىچە ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، يەر ئېلىش تەرتىپى قاتتىق قېلىپلاشتىمۇ-يوق، تۆلەم بەلگىلىمىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇنمۇ-يوق، ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىيلەشتىمۇ-يوق، قانۇن-نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ مەجبۇرىي يەر ئېلىش قىلمىشى بارمۇ-يوق، بۇلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈشى لازىم. تەرتىپى قېلىپلاشمىغان، تۆلەم نەقلەشمىگەن، ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىيلەشمىگەنلىرىنى دەرھال رەتكە سېلىشى ۋە تۈزىشى؛ قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلىپ مەجبۇرىي يەر ئېلىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. رەتكە سېلىش-تۈزەش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جايىدا بولماي تۇرۇپ داۋاملىق يەر ئېلىشقا بولمايدۇ. (چېن رېنزې خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە