تاجىكىستان زۇڭتۇڭى يېقىندا جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ
2013.05.15 14:41 مەنبە: خەلق تورى
 |
تاجىكىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئىمومالى راھمانوف |
خەلق تورىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ، تاجىكىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئىمومالى راھمانوف 19-مايدىن 20-مايغىچە، جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 10-مايدىكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، تاجىكىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئىمومالى راھمانوفنىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 19-مايدىن 20-مايغىچە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە