تەڭرىتاغ تورى، بېيجىڭ، 14-ماي خەۋىرى:مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن شىنجاڭ ‹‹ئۇيغۇر 12 مۇقامى›› باش تېما قىلىنغان كېچىلىك ـــ ‹‹مۇقام باھارى›› 14-ماي كەچتە دۆلەتلىك تىياتىرخانىدا تۇنجى قېتىم ئورۇنلىنىپ، كىشىلەرگە ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.