- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سەئۇدىي ئەرەبىستانلىق ئەر يۇقىرى بېسىملىق توك قازىنىنى ئېلىپ ئامېرىكا كەلگەنلىكتىن قولغا ئېلىندى
2013.05.15 15:54
 |
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئوقۇغۇچى تالار ئۆزىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق توك قازىنىنى تۇتۇپ تۇرماقتا. |
خەلق تورىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. بىر سەئۇدىي ئەرەبىستانلىق ئەر ئالدىنقى شەنبە كۈنى دىتىرۈي ئايروپورتىدا قولغا ئېلىنغان، سەۋەبى ئۇ بىر يۇقىرى بېسملىق توك قازاننى كۆتۈرۈپ چېگرادىن كىرگەن، ھەمدە بۇ توغرىسىدا تاموژنا خادىمىغا يالغان ئېيتقان.
ھۈسەيىن ھاۋاشىر سەئۇدى ئەرەبىستاندىن يولغا چىقىپ، گوللاندىيە ئامىستىردام ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ دېتىرۈي شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن. ئايروپىلان سائەت 11 دە دىتىرۈي ئايروپورتىغا قونغاندىن كېيىن، ئۇ ئامېرىكا تاموژنىسىدىكى قوغداش خادىملىرىغا ئامېرىكىدا يۇقىرى بېسملىق توك قازان سېتىۋالالمايدىغانلىقتىن كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئارقىدىن ئۇ يەنە قايتىدىن ئۇنىڭ جىيەنىنىڭ ئامېرىكىدا سېتىۋالغان يۇقىرى بېسملىق توك قازاننىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، بۇ قازاننى جىيەنىگە سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتقان. تاموژنا خادىملىرى ئۇنىڭ پاسپورتىدا بىر بەتنىڭ كەم تۇرغانلىقىنى بايقىغان. ھاۋاشىر بۇنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھاۋاشر ئارقىدىنلا قولغا ئېلىنىپ،« تاموژنا خادىملىرىغا يالغان سۆزلىگەن ۋە تولۇق بولمىغان پاسپورتنى ئىشلەتكەن» دەپ ئەيپلەنگەن.
ھاۋاشىرنىڭ جىيەنى ناسىر 13-ماي ئامېرىكا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى، بۇرۇن ئىككى قېتىم يۇقىرى بېسملىق توك قازىنى سېتىۋالغانلىقىنى، ئەمما ياخشى ئەمەسلىكىنى، شۇڭا تاغىسىغا بىرنى ئالغان كېلىشنى ئېيتقانلىقىنى، سەئۇدىدىكى قازاننىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى دېگەن.« مەن دېگەن ئەرەب، دائىم يۇقىرى بسېىملىق توك قازىنىدا تاماق ئىتىپ يەيمەن.»
ئالدىنقى ئاينىڭ 15-كۈنى ئىككى نەپەر جىنايەت گۇماندارى ئۆزى «يۇقىرى بېسىملىق توك قازىنى بومبىسى» ياساپ، بوستوندىكى مارافونچە يۈگرەش مۇسابىقىسى بولۇۋاتقان نەق مەيداندا پارتلىتىپ، 3 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 260 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا ئامېرىكىدىكى قانۇن ئىجىرا قىلىش خادىملىرى بۇ يۇقىرى بېسىملىق توك قازانغا ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ كەتكەن.
ناسىر مۇخبىرىغا ئۆزى ۋە تاغىسىنىڭ ھىچقانداق ئىشنى خاتا قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان، «ئەگەر مەن بىرەر ھاماقەت ئىش قىلىشنى ئويلىسام، نىمىشقا تاغامغا سەئۇدىدىن يۇقىرى بېسىملىق توك قازىنى كۆتۈرۈپ كېلىشىنى ئېيتىمەن، ئامېرىكىدا يۇقىرى بېسىملىق توك قازىنى سېتىۋېلىش قانۇنغا خىلاپ ئەمەستە!»
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە