باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

شىنجاڭدا مائارىپ سېلىنمىسىنىڭGDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى

2013.05.14 16:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جىڭ بو خەۋەر قىلىدۇ: ئېلىمىزنىڭ داڭلىق يادرو فىزىكا ئالىمى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ياڭ فۇجيا 25 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹زامانىمىز ياشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى›› دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. ‹‹شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە مۇنداق يۇقىرى سەۋىيەدىكى دوكلاتلار دائىم ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ›› دېدى، شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ بىن.

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەت دەرسخانىسى، كۇئېنلون داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار مۇنبىرى، ئىلىم ئەھلى دەرسخانىسى قاتارلىق مۇنبەرلەر ئۈچ يىلدا شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلدى، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى ھەر يېرىم ئايدا بىر قېتىم دېگۈدەك دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملىرىنىڭ لېكسىيەلىرىنى ئاڭلايدۇ.

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ ساھەسىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولۇپلا قالماستىن، يەنە مائارىپ ئىدىيەسى، مائارىپ سېلىنمىسى، يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا مۇستەھكەم ئاساس سېلىندى.

  يېڭى مائارىپ ئىدىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، مائارىپ سېلىنمىسى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئوقۇشىمچە، 2010 – يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسى 33 مىليارد 63 مىليون يۈەنگە يېتىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %5.9 ىنى ئىگىلىگەن؛ 2011 – يىلى 42 مىليارد 25 مىليون يۈەنگە يېتىپ، GDP نىڭ %6.34 ىنى ئىگىلىگەن؛ 2012 – يىلى 49 مىليارد 86 مىليون يۈەنگە يېتىپ، GDPنىڭ %6.5 ىنى ئىگىلىگەن. مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

  دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭدا 2237 قوش تىل يەسلىسى قۇرۇش نىشانى بۇلتۇر ئەمەلىيلىشىپ، قوش تىل مائارىپى مۇقىم، ئۈنۈملۈك ئىلگىرىلەپ، خەلققە، جۈملىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نەپ يەتكۈزىدىغان زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندى. 2012 – يىلى 9 – ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئىككى يىللىق قوش تىل مائارىپىنى قوبۇل قىلغان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى 426 مىڭغا يېتىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئىككى يىللىق مائارىپى(بەش – ئالتە ياش)دىن بەھرىمەن بولغان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ %92.03 ىنى ئىگىلەپ، 2011 – يىلىدىكىدىن %13.23 ئاشتى.

  2010 – يىلى، دۆلىتىمىزدە شىنجاڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، شەھەر مائارىپقا ياردەم بېرىش سېلىنمىسى نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مائارىپ پىلان تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مائارىپ بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق بېرىش خىزمىتى سەۋىيەسىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈردى. 2012 – يىلى، 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى (2011 – يىلىدىن 2015 – يىلىغىچە)نى تەڭشىگەندىن كېيىن، مائارىپ تۈر پىلانى سېلىنمىسى 7 مىليارد 727 مىليون يۈەندىن 9 مىليارد 763 مىليون يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، %15.27 نى ئىگىلەپ، ياردەمنى قوبۇل قىلغان رايونلار مائارىپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى.

  ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپتا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر يارىتىلدى. 2011 – يىلى، دۆلەتنىڭ مەدەت بېرىشىدە، ئاپتونوم رايون ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي سىنىپى تەسىس قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. خەلقنى مەنپەئەتلەندۈرىدىغان بۇ سىياسەت شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىش يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى، بۇ سىياسەت بويىچە يىلدا شىنجاڭغا 3300 جىددىي ئېھتىياجلىق تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى يېتىشتۈرۈپ بېرىلىدۇ. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى يۇقىرى ئۆلچەمدە بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، كەسپىي مائارىپقا سىياسەت جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى ھەم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ تەربىيەلەش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز چوڭايتىلدى، شەرقىي ۋە غەربىي رايون جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا بىرلىكتە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ھەمكارلىشىپ مەكتەپ قۇرۇش كۈچەيتىلدى، ئالىي كەسپىي ئىنستىتۇت – مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزگەنلەرنى ئالىي، كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى يولغا قويۇلدى، كەسپىي مائارىپتا تەربىيەلەش يوللىرى تۈرلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق كېڭەيتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە