- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خەينەن ئۆلكىسى ۋەننىڭ شەھەرلىك ساقچى تارماقلىرى پەسكەشلىك قىلىنغان 6 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىمىغانلىقىنى بېكىتتى
2013.05.14 15:11 مەنبە: خەلق تورى
خەينەن ئۆلكىسى ۋەننىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار 13-چېسلا چۈشتىن كېيىن، «ۋەننىڭ شەھىرىدىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ 6 نەپەر قىز ئوقۇغۇچى بىلەن ياتاق ئېچىش ۋەقەسى» توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى: مەزكۇر شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى چېن XX بىلەن مەزكۇر شەھەرلىك ئۆي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى فېڭ XX قۇرامىغا يەتمىگەن ئۆسمۈرلەرگە پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ساقچىلار تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئېلىنغان. شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ قانۇن دوختۇرى جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ 6 نەپەر ئوقۇغۇچى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى بېكىتكەن. ۋەننىڭ شەھەرلىك ساقچى تارماقلىرى خەينەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنى قايتا تەكشۈرۈپ، جەمئىيەتكە ۋەقەنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: خەينەن ئۆلكىسى ۋەننىڭ شەھىرىدىكى «ئوقۇغۇچىلار بىلەن ياتاق ئاچقان» جىنايەت گۇماندارلىرى قولغا ئېلىندى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە