- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى چاقىرىلدى
2013.05.09 15:05 مەنبە: خەلق تورى
نۆۋەتتىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇش، بازار تەمىناتى ۋە باھا مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 8-ماي گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى چاقىرىلىپ، نۆۋەتتىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇش، بازار تەمىناتى ۋە باھا مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
يىغىندا مۇنداق قارالدى: يېزا ئىگىلىكى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش مۇقىملىق ئاساسىدا ئېشىش، پۇل پاخاللىقىنى كونتىرول قىلىش، خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلىتمىز يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. يازلىق ئاشلىق، چىلگە شالنىڭ كۆلىمى كۆپەيتىلىپ، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشى ئۆتكەن يىللاردىكىدىن ياخشى بولدى، پۈتۈن يىل ئاشلىقتىن مول-ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سېلىندى، باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. بىراق، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى يەنىلا بىرقەدەر زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، شەرقىي شىمال رايونلاردا ئەتىيازلىق ھۆلچىلىك نىسبەتەن ئېغىر بولۇپ، غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇب قاتارلىق رايونلاردىكى قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى تېخى تۈپتىن ھەل قىلىنمىدى؛ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ۋەزىيىتى بىرقەدەر كەسكىن بولدى، تىرىك چوشقىنىڭ باھاسى تۆۋەنلەپ، قوي-كالا گۆشى بىلەن تەمىنلەش سەل جىددىيلەشتى، بولۇپمۇ ئادەمگە يۇقىدىغان H7N9 قۇش زۇكۇمى ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى، سىچۇەن لۇشەندىكى «20-سېنتەبىر» قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا خېلى زور تەسىر كۆرسەتتى. بۇ قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلەش-تەلەپ ۋە باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى جەھەتتىكى داۋالغۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە