باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەنىڭ F—16تىپلىق بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى سۈرىيە-تۈركىيە چېگراسىدا چۈشۈپ كەتتى

2013.05.14 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. خەلق تورىنىڭ قاھىرەدىن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئانادولو ئاخبارات ئاگېنتلىقى تۈركىيە ھەربىي ئارمىيەسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى 13-ماي تۈركىيەنىڭ F—16تىپلىق بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى تۈركىيە-سۈرىيە چېگراسىغا جايلاشقان ئوسمانىيە ئۆلكىسىدە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۇچقۇچىنىڭ ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇن پاراشوتتىن سەكرەش ئۇچۇرىنى تارقاتقانلىقىنى دەلىللىگەن.

  ئوسمانىيە ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى سالاھ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن. ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن يېقىن ئەتراپتا كەنت ئاھالىسى پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىغان، ئەمما بۇ جايدا تۇمان بەك قويۇق بولغانلىقتىن، ئايروپىلان ۋە ئۇچقۇچىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش قېيىنچىلىققا ئۇچرىغان. ئىگىلىنشىىچە، بۇ ئايروپىلان رەسمىيەتلىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجىرا قىلىۋاتقاندا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە