باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك‹‹شىنجاڭ ئاياللار، بالىلار خەير–ساخاۋەت مۇكاپاتى››تارقىتىلدى

2013.05.13 14:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مېھرىگۈل تۇردى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار، بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى 10 – ماي چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹شىنجاڭ ئاياللار، بالىلار خەير – ساخاۋەت مۇكاپاتى››نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  مۇراسىمدا تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئاياللار، بالىلار خەير – ساخاۋەت مۇكاپاتىنىڭ <ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى>››غا ئېرىشكەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەير – ساخاۋەت جەمئىيىتى <<مېھرىبان ئانىلار>> كوللېكتىپى قاتارلىق ئۈچ ئورۇن، ئامىنە ساۋۇت قاتارلىق يەتتە كىشى؛ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئاياللار، بالىلار خەير – ساخاۋەت مۇكاپاتىنىڭ <ئەڭ ياخشى تۆھپە مۇكاپاتى>››غا ئېرىشكەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق يەتتە ئورۇن، ئاينۇر دەلىلقان قاتارلىق 13 كىشى؛ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئاياللار، بالىلار خەير – ساخاۋەت مۇكاپاتىنىڭ <مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش تۆھپە مۇكاپاتى>››غا ئېرىشكەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانا قاتارلىق 70 ئورۇن، گاۋ نىڭكۈن قاتارلىق 50 كىشى مۇكاپاتلاندى.

  ئۇقۇشىمچە، تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹شىنجاڭ ئاياللار، بالىلار خەير – ساخاۋەت مۇكاپاتى››نى باھالاش پائالىيىتى بۇ يىل 3 – ئايدا باشلانغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار، بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە نامزات تاللاش، باھالاش، توردا ئاۋاز بېرىش، نامزاتلارنى جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلىش قاتارلىق باسقۇچلارنى ئىلمىي، دېموكراتىك، ئاشكارا، ئادىل بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغان ھالدا ئەستايىدىل تاماملاپ، جەمئىيەتتە تەسىرى كۈچلۈك، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئورۇن، شەخسلەر ئارىسىدىن 150 ئورۇن ۋە شەخسنى تاللاپ چىققان.

  مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىزۋان ئەبەي مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە