باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى جۇڭگو ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى(1)

2013.05.13 11:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندىن بۇيان، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ كەينى كەينىدىن جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى سىرتتىكىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى، ھەتتا بەزى تاراتقۇلار جۇڭگو ئوتتۇرا شەرق ياراشتۇرۇشىغا قاتنىشىشقا باشلىدى دەپ قىياس قىلىشنى. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو تارىختىن بۇيان پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن ناھايىتى قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن، لېكىن تۈرلۈك ئامىللار تۈپەيلىدىن جۇڭگو –ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى جۇڭگو بىلەن پۈتكۈل ئەرەب دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەمدە خەلقئارا مۇناسىۋەت قېلىپىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىدى تەسىر.

  1948-يىلى 14-ماي، ئىسرائىلىيە مۇستەقىللىق جاكارلىدى. شۇ ۋاقىتتا جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ گېزىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو جامائەتچىلىكى بۇنى قارشى ئالدى. 27-ماي، شىمالىي جۇڭگو ئازاد رايونىدىكى «جىجوڭ گېزىتى»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىسرائىلىيە دەپ نام قويۇلغان يېڭى يەھۇدىيلار 14-ماي مۇستەقىللىق جاكارلىدى. ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان ۋەتەنسىز سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ھاقارەتكە ۋە قىرغىن قىلىشقا ئۇچراپ كەلگەن يەھۇدىي خەلقىنىڭ يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىشقا باشلىدى.

  1949-يىلى 1-ئۆكتەبىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. 1950-يىلى 9-يانۋار يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ تۆت ئاي بولغاندا ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇسا سارت جۇڭگونىڭ باش مىنىستىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى جۇ ئېنلەيگە تېلېگرامما يوللاپ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگونىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ھەمدە جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىلىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى تۇنجى شۇنداقلا بېرما، ھىندىستان، پاكىستان، سرىلانكا، ئەنگلىيە ۋە نورۋېگىيەدىن كېيىن يېڭى جۇڭگونى ئېتىراپ قىلغان يەتتىنچى غەيرىي سوتسىيالىستىك دۆلەت بولۇپ قالدى. «خەلق گېزىتى» 1950-يىلى 17-يانۋار باش ئىستونىغا «ئىسرائىلىيە، ئافغانىستان، فىنلاندىيە ئېلىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز جۇ ئېنلەي ئايرىم ئايرىم تېلېگرامما ئەۋەتىپ قارشى ئالدى» دېگەن تېمىدا خەۋەر بەرگەن ئىدى. ئارقىدىن جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى موسكۋادا ئۇچراشتى. لېكىن ئامېرىكا يېڭى جۇڭگوغا دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىدە بولغاچقا، ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە تايىنىۋاتقان ئىسرائىلىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خاھىشىنى ئويلاشمىسا بولمايتتى.

  1950-يىلى ئىيۇلدا چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىدى. ئۆكتەبىردە جۇڭگو ئەسكەر چىقىرىپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىپ ئامېرىكىغا قارشى تۇردى. ئىككىنچى يىلى فېۋرالدا، ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق قارار چىقىرىپ جۇڭگوغا تاجاۋۇزچى دەپ بوھتان چاپلىدى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەندە شىددەتلىك ئۇرۇش قىلىشىنىڭ ئېغىر ۋەزىيەت ئاستىدا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىرتتىكى ئورگانلىرىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى كۆپ سانلىق دۆلەتلەر بىلەن قارشىلاشماسلىق توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى، بۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە-جۇڭگو دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى سۇسلاشتى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە