باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ كىرىش بېلىتى 10-مايدىن باشلاپ سېتىلىدۇ

ئەڭ تۆۋەن باھا 40 يۈەن، تاماشىبىنلار نەق مەيدانغا كېلىپ بېلەت سېتىۋالسا ياكى توردىن بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ

2013.05.09 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20-ئىيۇل باشلىنىدىغان 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ ئىشىك بېلىتى 10-مايدىن باشلاپ سېتىلىشقا باشلايدۇ، تاماشىبىنلار نەق مەيداندىن ياكى توردا بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگورۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر شۈ رۈيجۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇسسۇل بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتى مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ۋە ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، ئويۇننىڭ ئىشىك بېلىتىنى تۆۋەن باھادا سېتىش، كوللىكتېپ سېتىش، ھەقسىز ئاپىرىپ بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىن ئېتىدىكەن.

  ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە يېپىلىش مۇراسىمى، مەخسۇس ھال سوراش ئويۇنى قاتارلىقلاردا بېلەت سېتىلمىغاندىن باشقا، ئۇسسۇل بايرىمىدىكى 60 مەيدان ئويۇننىڭ بېلىتى سېتىلىدىكەن. بېلەت سېتىۋېلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك بولۇپ، بىرىنچىسى: بېلەت مۇلازىمەت گورۇپپىسى شىنجاڭ بېلەت ئىشلىرى تورى (www.xjpiaowu.com) غا كىرىپ بېلەت سېتىۋالسا بولىدىكەن؛ ئىككىنچىسى: شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى ھەمدە جۇڭگو بانكىسىنىڭ شىنجاڭدىكى 48 تارماق بانكىلىرىدا سېتىلىدىكەن؛ ئۈچىنچىسى: 7-ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى، شىنجاڭ خەلق سارىيى، شىنجاڭ بەدىئىي تىياتىرخانىسى، 1-ئاۋغۇست تىياتىرخانىسى، شىنجاڭ دراما ئۆمىكى تىياتىرخانىسى، تۆمۈريول ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيى قاتارلىق ئويۇن قويۇلىدىغان نەق مەيدانلاردا سېتىلىدىكەن. بېلەت سېتىۋېلىشقا دائىر ھەرقانداق ئىشتىن مەسلىھەت سورىماقچى بولغانلار 118114 تېلېفونىغا ياكى 8892493 - 0991 ،8894098 - 0991 تېلېفونى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىنى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان بولۇپ، <<ئىناق جۇڭگو، رەڭدار دۇنيا>> باش تېما قىلىنغان. بايرام 20-ئىيۇل باشلىنىدىغان بولۇپ، جەمئىي 17 كۈن داۋاملىشىدىكەن. بۇ مەزگىلدە 12 دۆلەت ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى سەككىز سەنئەت ئۆمىكى تەييارلىغان 54 مەيدان ئويۇن قويۇلىدىكەن. ئۇسسۇل بايرىمى مەزگىلىدە يەنە جۇڭگو تور ئۇسسۇل بايرىمى، خەلقئارا ئۇسسۇل پېشۋالىرىنىڭ دەرىسى، ناخشا-ئۇسسۇل فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ سوۋغا ئىجادىيەت مۇسابىقىسى، دۆلەتلىك فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆگەزمىسى قاتارلىق بىر قاتار تاللانغان نادىر نومۇرلارمۇ بىرلىكتە ئويۇشتۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە