باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما كورېيە پىرېدېنتى پاك گۇنھى بىلەن باشلىقلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2013.05.09 13:44        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 7-ماي ئامېرىكىغا زىيارەتكە بارغان كورېيە پىرېدېنتى پاك گۇنھى بىلەن باشلىقلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا پاك گۇنھى ياپونىيەنىڭ ئوڭچىللىشىشى كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىدەك مەسىلى ئۈستىدە توختىلىپ، ياپونىيە شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن توغرا بولغان تارىخ قارىشىنى ساقلىشى كېرەكلىكىنى ئوباماغا تەكىتلىدى. كورېيە ھۆكۈمەت ئاگېنتلىقى بولغان كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئوبامامۇ بۇنىڭغا قۇشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كورېيە پىرېزىدېنتى پاك گونھى بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما ئاق سارايدا باشلىقلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، چاۋشيەننىڭ ئېغۋاگەرچىلىكىگە قەتئىي جاۋاب قايتۇرۇش بىلەن بىرگە سۆھبەتلىشىش كۆزنىكىنى چوڭ ئېچىش كېرەكلىكىنى قايتا بايان قىلدى. ئوباما پاك گۇنھىنىڭ چاۋشيەننىڭ ئۇدا «ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش تەھدىتى» ئاستىدىمۇ چاشيەنگە يەنىلا چەكلەش بىلەن سۆھبەتلىشىشتىن ئىبارەت سىياسىي كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇندىن سىرت پاك گۇنھى «كورېيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ 60 يىللىقى»دا ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولدى. ئىككى دۆلەت «ئامېرىكا-كورېيە ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ 60 يىللىق بىرلەشمە خىتابنامە»سىگە ئىمزا قويۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇل سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە