باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەردە شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئەڭ ئېگىز بىنا قۇرۇلۇشقا باشلىدى

2013.05.07 17:00         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: دۆلەت ئىچى-سىرتىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان شىنجاڭ قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىدا يەنە بىر يېڭى قۇرۇلۇش ـــ تەرەققىيات رايونى ئىچىدە 58 قەۋەتلىك جەۋزا مۇنارسىمان بىنا قۇرۇلۇشى باشلانغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئېگىز بىنا ھېسابلىنىدىكەن.

  3-ماي مۇخبىرنىڭ قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، جەۋزا مۇنارسىمان بىنا قۇرۇلۇش تۈرى قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى شېنجېن-قەشقەر يولى شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، نۆۋەتتە 1-قارارلىق كالتە بىنا قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغىنىغا بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت بولغان. جەۋزا مۇنارسىمان بىنا قۇرۇلۇشىنىڭ تولۇق نامى قەشقەر تەرەققىيات (جەۋزا مۇنارى) سارىيى بولۇپ، ئىگىلىگەن ئومۇمىي كۆلىمى 160 مىڭ كىۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 514 مىڭ 943.8 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، بۇ بىنا كالتە بىنا ۋە ئىككى يۈرۈش مۇنارسىمان بىنادىن تەركىب تاپقان. كالتە بىنا تۆت قەۋەت، مۇنارسىمان بىنا 58 قەۋەت بولۇپ، بىنانىڭ ئېگىزلىكى 268 مېتىر كېلىدىكەن.

  قەشقەر تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك شىركىتى سېتىشنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى جياڭ دوڭپىڭ مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇشقا تەخمىنەن ئالتە مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈچ يېرىم يىلدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش مۆلچەرلەنمەكتە، جەۋزا مۇنارسىمان بىنا قۇرۇلۇشىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش دەرىجىسى 10 بال قىلىپ لايىھەلەنگەن.

  جەۋزا مۇنار سارىيى پۈتكەندىن كېيىن بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي، خەلقئارالىق بېجى كەچۈرۈم قىلىنغان تاۋرلار، 5Aدەرىجىلىك ئىشخانىلار، ئالىي دەرىجىلىك سارايلار بىر گەۋدلىشىدىكەن، سارايغا يەنە خەلقئارالىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر، ئالىي دەرىجىلىك سودا مۇلازىمىتى قاتارلىق يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى سەپلىنىپ، زامانىۋى قەشقەرنىڭ يېڭى ئوبرازىدىكى يەر بەلگىسى دەرىجىلىك قۇرۇلۇشقا ئايلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە