باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

تايلاند باش مىنىستىرى يىڭلاك شىناۋاترا ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى

2013.05.02 16:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:تايلاند باش مىنىستىرى يىڭلاك شىناۋاترا تۈنۈگۈن باڭكوكتىكى باش مىنىستىرى مەھكىمىسىدە جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى.

  يىڭلاك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تايلاند بىلەن جۇڭگو بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن، ئىككى دۆلەت ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزئارا چۈشىنىشىپ ، ئۆزئارا قوللاپ كەلدى. تايلاند جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاشنى خالايدۇ. بۇ يىل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ ئون يىللىقى، تايلاند شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ ئەنئەنىۋىي دوستلۇقىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، تايلاند بىلەن بىرگە ياخشى سىياسىي مۇناسىۋەتنى ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ يى 30-ئاپرېل باڭكوكقا يېتىپ بېرىپ تايلاندتىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە