شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، فىرانسىيەلىك پىنۇ جەمەتى 26-چېسلا بېيجىڭدا چەت ئەلدە ساقلىنىۋاتقان يۈەنمىڭيۈەن باغچىسىنىڭ بىرونزا چاشقان بېشى ۋە توشقان بېشى ھەيكىلىنى جۇڭگوغا ھەقسىز تەقدىم قىلدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇڭ شىنچاۋ جۇڭگو تەرەپكە ۋاكالىتەن فىرانسىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا تەشەككۈر بىلدۈردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)
بۇ قېتىم تەقدىم قىلىنغان چاشقان بېشى ۋە توشقان بېشى ھەيكىلى بېيجىڭ يۈەنمىڭيۈەن باغچىسىدىن يۈتۈپ كەتكەن 12 مۆچەلگە ۋەكىللىك قىلىدىغان 12 بىرونزا ھەيكەلنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى بولۇپ، 2009-يىلى بۇ ئىككى ھەيكەل پارىژدا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغان ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى ۋە نارازىلىقىنى قوزغىغان، جۇڭگو تەرەپمۇ قارشى پىكرىنى ئېنىق بىلدۈرگەن. (مۇخبىر ليۇ خۇا)