- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتىدىكى زەھەر سېلىش دېلوسىنىڭ گۇماندارى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قولغا ئېلىندى
2013.04.26 16:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شاڭخەي شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شاڭخەي شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتى «1-ئاپرېل» دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارى لىن xxنى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى. 1-ئاپرىل فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى خۇاڭ ياڭ زەھەرلىنىپ قېلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانىدى. شاڭخەي ساقچى تەرەپ تەكشۈرۈش ۋە زىيارەت ئارقىلىق، خۇاڭ ياڭنىڭ ياتاقداش ساۋاقدىشى لىن xxنى جىنايەت گۇماندارى قىلىپ بېكىتكەنىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە