- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭدا مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار يىغىنى چاقىرىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى
2013.04.26 16:16 مەنبە: خەلق تورى
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 25-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار يىغىنى چاقىرىلىپ، «23-ئاپرېل» ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق دېلوسىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى، يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتىگە باھا بېرىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەتلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېڭ لىشىن؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە