باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەدە يىلىغا 100 مىڭدىن ئارتۇق ياش زەھەر چېكىپ جېنىدىن ئايرىلىدىكەن

2013.04.26 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 25-ئاپرېلدىكى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە بىرلەشمە فىدىراتىسىيەسى زەھەرلىك بۇيۇملارنى كونترول قىلىش ئىدارىسىنىڭ مەسئولى ۋىكتور ئىۋانوفنىڭ سارانسىكتا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەت خاراكتېرلىك زەھەرگە قارشى تۇرۇش پىدائىيلىرى يىغىنىدا ئېيتىشىچە، رۇسىيەدەن ياشلار 15-16 ياشلار ئەتراپىدىلا زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالىدىغان بولۇپ، زەھەر مىقدارىنى ئاشۇرۇپ چەككەنلىكتىن، زەھەر خۇمارى ۋە ئالاقىدار كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن قازا قىلىدىغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 30 ياش ئىكەن.

  ئىۋانوف يەنە مۇنداق دېدى، رۇسىيەدە ئادەتتە زەھەر چېكىدىغان ئادەم سانى 8 مىليۇن 500 مىڭغا يېتىدۇ، 15-34 ياشقىچە بولغانلار ئىچىدە يىلدا قازا قىلىدىغان ئادەم سانى 100 مىڭغا يېتىدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا ، يىلدا خىروئىننى مىقداردىن ئاشۇرۇپ ئىستىمال قىلغانلىقتىن قازا قىلىدىغانلارنىڭ سانى 30 مىڭغا يېتىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە